Camtasia Studio soret

تۇرايىمىزدىكى بىر قىسىم دەرسلىكلەردە ئىشلىتىلگەن ئاجايىپ ئۈنۈملەرلەرگە قىزىققان بىر قىسىم تورداشلىرىم مۇشۇ دەرسلىككە ئىشلىتىلگەن يۇمتالنى تەمىنلەپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ،تالاي ئىنكاسلارنى يازغان ئىدى.ئاخىرى،مۇشۇ يۇمتال ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بىرىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ دەرسلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى كۆزلەپ،مەزكۇر يازمىنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم.مەزكۇر يازمام Camtasia Studioگە ئاتالغان.

formatfactoryكۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا،توردىن چۈشۈرگەن ياكى باشقا مەنبەلەردىن سۆكۈپ ئەپكەلگەن سىن،فىلىم،ئۈن ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپ قالىدۇ،گەرچە توردا بۇ خىلدىكى ئايلاندۇرغۇچ ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ،ئەمما،بەزى ئايلاندۇرغۇچلارنىڭ ئۈنۈمى سەل ناچار بولغاچقا،ياخشى بولغان بىر ئايلاندۇرغۇچ تېپىش ناھايىتى زۆرۈر بوپ قالىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Format Factory جەزمەن سىزنىڭ ھۆددىڭىزدىن چىققۇسى!

Internet-Download-ManagerInternet Download Manager(IDM)دىۋىدىم،بەزى ئاتامانلارنىڭ قۇلىقى دىڭ بولدى،بەزىلىرى ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلىشقاندەك قاراشتى،<<ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئاۋا،زاماننىڭ كەينىدە قالغان بالىكەن ماۋا!>>دىيىشتى،بەرھەق،ئۇلارنىڭ دىگىنى ناھايىتى دۇرۇس!يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى ساھەسىدىكى داڭدار IDM ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىكلىرى بىلەن،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،سىزنىڭ يۈك چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭىزنى بىراقلا كۆتەرگۈسى!

tweakcube

سىھىرلىك چاسا(魔方)-تۇنجى تۈركۈمدە مىكروسوفت تەرىپىدىن Windows7 ئورگان ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتكەن سېستىما يۇمتالى بولۇپ،دۆلىتىمىزدە ئىشلەتكۈچىلى ئەڭ كۆپ بولغان Vista ۋە Windows7 ئەلالاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەۋلاد كەسپىي قوللىنىشچان سېستىما يۇمتالى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.سىھىرلىك چاسا-ئىقتىدارلىرىWindowsدىكى  سېستىما ئەلالاشتۇرۇش،تەڭشەش،تازىلاش،گۈزەللەشتۈرۈش،قوغداش،ئاسراش،تۈزەش،زاپاسلاش،ئەسلىگە كەلتۈرۈش،بىر تەرەپ قىلىش،قاتتال(قاتتىق دىتال)ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش،مۇلازىمەت باشقۇرۇش دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى كۈچلۈك يۇمتال ھىسابلىنىدۇ.

virustotalئادەتتە،توردىن ھەرخىل ھۆججەتلەرنى سىناش مەقسىتىدە چۈشۈرۈپ باقىدىغان تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،بىز ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ مەلۇم بىر يۇمتالنى ياكى ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپتۇق،ئەمما،ئەمدى قاچىلىشىمىزغىلا كومپىيۇتېرىمىزدىكى ۋىروسخورلار چىقىراپ تاشلىدى ياكى ئۆزىمىزمۇ بىلمەي قېلىپ بەزى ۋىروسلارنى يۇقتۇرۇۋالدۇق،لۈكچەك يۇمتاللارنى قاچىلاپ قالدۇق…ناۋادا،ھۆججەتلەر ئىجرا بولۇشدىن ئاۋۋال،ھەتتا،چۈشۈرۈشدىن ئاۋۋال ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ لۈكچەك يۇمتال،ۋىروس ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولسا ھە؟!…

qutyar

قۇتيار يۇمتال توپلىمى-قۇتيار تورى تەرىپىدىن ياسالغان،سىرىتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆركەم، خۇددىي 360 يۇمتال ئامبىرى،QQ يۇمتال ئامبىرىدەك بىرقىسىم قولايلىق،مۇھىم دىتاللاردىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشلۈك يۇمتال توپلىمى بولۇپ،كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىر دىسكىغا ئۇيىۋېلىپ ئۆزىمىزنىڭ يۇمتال دىسكىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

uTorrentفىلىم بېكەتلىرىدىن BTلىق فىلىم چۈشۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا،迅雷نىڭ سۈرئىتىدىن ناھايىتى رازى بولمايتىم.نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ جەھەتتە بۇ قارىمنىڭ سەل كەمچىكلىرى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تورىدىكى بۇ سۈرئەت كىشىنى ناھايىتى بىزار قىلاتتى.كىيىن،بۈگۈنكى يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان يۇمتال-µTorrent نى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كىيىن،بۇ كىچىك ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يۈك قورالىغا كۆيۈپ قالدىم،شۇڭلاڭقا،بۇ نەرسىدىن باشقا ئاتامانلىرىمىزنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ تۇرايىمىزدا جاكارنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…

NotepadaddNotepad++ بولسا Windows مۇھىتىدىكى ھەقسىز ئۇچۇق كودلۇق تەھرىرلەش قورالى بولۇپ،كود يۇرۇتۇش،كۆپ كۆزنەكلىك مەشخۇلات قىلىشنى قوللايدۇ،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەھرىرلىمەكچى بولغان پروگرامما تىلىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ،كود بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر،بولۇپمۇ بلوگداش دوستلارغا نىسبەتەن ئاقىلانىلىق تاللاش قورالى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.