192-1

بىلگىنىمىزدەك، بەزەن چاغلاردا بىز بلوگىمىزدا ياكى تور بېكىتىمىزدە مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالىمىز. ھىس قىلىپ قالغانغىلا بولامتى، ئۇنىڭغا تەدبىر ئىشلەش كېرەك. ئۇنىڭ تەدبىرى نەدە؟ ئۇنىڭ تەدبىرى بۈگۈنكى «WordPressدە يېقىنقى 30 كۈن ئىچىدىكى ئاۋات يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى»ناملىق يازمىمىزدا، ئەمىسە، دەرسخانىغا مەرھەمەت…

بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئاما بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.

Ropera-uslubi-00_conew1

مەزكۇر ئۇسلۇب توردىشىمىز زىلتار ئەپەندى پىدائىيلەرچە ئۆزلەشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە تۈزەتكەندىن كېيىن، كەڭ بلوگگېر دوستلارنىڭ چۈشۈرۈش ئىشلىتىشى ھەمدە تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن تارقاتتۇق.

2011-05-03T11:48:00Z2011-05-03T11:48:00Z

wp-summer-uslubi_conew1

مەزكۇر ئۇسلۇب- تۇرايىمىز(يەنى بىلىكيار بلوگى) ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب بولۇپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بلوگگېر دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىشنى قارار قىلدىم. قىزىقسىڭىز يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.

مەن ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئۇسلۇب قاچىلاپ، ئۆچۈرۈپ، يەنە قاچىلاپ يۈرۈپ دائىم سىستېمىدا خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قويىمەن(ئاستىدىكى كود).

Fatal error: Cannot redeclare __popular_posts() ….

بۇرۇنمۇ ئۇيەر بۇيەرنى بېسىپ ئوڭشىغان ئىدىم، لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك تۈزىتەلمىگەن. تۆنۈگۈن قارىسام پرېستاندىكى بارلىق ئۇسلۇبلار شۇنداق بولۇپ قاپتۇ، زادى بۇنى بىر ئوڭشاي دېگەن مەقسەتتە google دىن ئىزدەشكە باشلىدىم،