ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشدىن بۇرۇن، ئەپ بازىرىدا قارلىق، كاككۇك دېگەندەك شىركەت ياكى شەخىسلەرنىڭ ياسىغان ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشدىن تازا قېچىپ، ئەپلەرنىڭ ھەقسىز قىلىنىۋېتىدىغان ھېيت – بايراملىق پائالىيەتلىرىغا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇراتتىم. بىر زامانلار ئىچىمدە «ئاشۇ ئەپ ئاچقۇچىلار نىمداق پۇلپەرەز ئىنسانلاردۇ، جاپا تارتىپ ياسىغانكى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقسىز قىلىۋەتسە بولمامدۇ؟» دەپ ئويلايتىم، ھەمدە بىرەر كۈنى مەن ئەپ ياساپ قالسام ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىۋېتىمەن دەپ تاس قالغان «ئوچۇق خەت»دىن بىرنى يېزىۋەتكىلى. ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ، ئاغزىمغا سائەت چىققاندەك ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي ئەپ بازىرىدا ئون قانچە ھەقسىز ئەپى بار يالاڭتۆش ئەپچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدىم-دە، بۇ ئەپ ئېچىشنىڭ ئارقىسىدىكى بەدەل ۋە تەرلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندە، تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم، ھەقسىز ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم - ئۇيغۇربەگ بلوگى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «تۈركچەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى.  مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…

treehous

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

wpinik-theme_conew1

مەزكۇر ئۇسلۇب- ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى دەسلەپكى ۋاقىت، Pjblogدىن WordPressگە كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتتا ئىشلەتكەن سابىق ئۇسلۇب بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چەكلىك سەۋىيەم تۈپەيلى، ئۇسلۇب بىر قىسىم جاھاننامىلەردە نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىق تۈپەيلى، قىيماي تۇرۇپ ۋاز كەچكەن ئىدىم. بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، ئۇسلۇبنى قايتا ئۇچراتتىم ھەمدە بۇ قېتىم ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ھەر قايسى جاھاننامىلەردە نورمال كۆرسۈتۈش مەقسىتىگە يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن، لازىملىق تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىش قارارىغا كەلدىم.

شۇنداق قىلىپ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىمىز بىلەن WordPressيۈرۈشلۈك دەرسلىكىمىزنى رەسىمىي باشلاش قارارىغا كەلدۇق. گەرچە، ئالدىنقى قېتىم تورداشلاردىن بۇ ھەقتە پىكىر-تەلەپلەرنى ئالغان بولساقمۇ، دەرسلىكلەرنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خەتلىك ۋە سىنلىق يازمىلارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەش قارارىغا كەلدۇق.Wordpress ئۆگۈتۈش خاراكتىرىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرىمىز پۈتۈنلەي سىنلىق ھالەتتە؛ تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىمىز بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىنىڭ تېخنىكىلىق قىسمىنى پرېستان بۇرادەر ئۆز ئۈستىگە ئالغۇسى.كەمىنە ئۇيغۇربەگ نەزەرىيە قىسمى ھەمدە WordPress ئۆگۈتۈش خاراكتىرىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلىكنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن.بۇ ئىككى دەرسلىك تەڭلا باشلانغان بولغاچقا، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش ۋاقتىمۇ شۇنداق قىس بولغان بولغاچقا، بەلكىم بۇنىڭغا ئۇزۇن جەريان كېتىشى مۇمكىن.بىز ئامال بار دەرسلىكلەرنى چۈشۈنۈشلۈك ھەمدە سۈپەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.

ئەلۋىدا، سازبەت بلوگى، ئەلۋىدا ساڭا كەتكەن نەچچە ھەپتە ۋاقتىم، ئەلۋىدا ساڭا كەتكەن زېھنىم!

نېمىشقىمۇ بۈگۈن تاماققا چىقمىغاندىمەن؟ نېمىشقىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى باھانە قىلىپ كومپىيۇتېرنى ئېچىپ سالغاندىمەن؟ نېمىشقىمۇ FTP قورالىنى ئېچىپ سالغاندىمەن؟ نېمىشقىمۇ FTPدا سازبەت بلوگىنىڭ بوشلۇقىنى ئېچىپ سالغاندىمەن؟ نېمىشقا…زادى نېمىشقا؟

شۇنچە بالدۇرلا ۋاپات بولدۇڭغۇ بلوگۇم! شۇنچە بالدۇرلا ۋاپات بولدۇڭغۇ بلوگۇم! ساڭا كەتكەن ۋاقىتلىرىمچۇ؟ ئاھ، ساڭا كەتكەن زېھىنلىرىمچۇ، مېنى داغدا قويدۇڭ بلوگۇم!…

سېنى ئەسلەيمەن بلوگۇم! سېنى ئەسلەيمەن، سەن مىلادىيە 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسىمىي دۇنياغا كەلدىڭ، 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولدۇڭ!

ئەلۋىدا، سازبەت بلوگى!…

ئۇيغۇربەگ ئاگىنتىلىقى جىددىي خەۋەر قىلىدۇ:كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك،ساپمۇ-ساق 1 ھەپتە داۋاملاشقان مارافونچە كود ئۆزگەرتىش ۋە تۈزەش پائالىيىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىپ ئاخىرى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى مەيدانغا چىقتى! ئەسلى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ 1 يىللىقىنى خاتېرلەش بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولساقمۇ,ۋاقىتنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ۋە تۈزەش پائالىيىتى بەكلا كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. كۈندە دىگۈدەكلا بىر ئىككى قۇردىن ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسى جەھەتتىن تەڭشەپ پۈتتۈردۇق.

دوستلانىڭ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يوقۇققان مەسىلىلەرنى يەنى ئۇسلۇبنىڭ ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردىكى نورمالسىز يەرلىرىنى ئېغىر كۆرمەي بىزگە مەلۇم قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.