godaddy-promo

Godaddy بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق چوڭ تور نامچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شەخسەن كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تور ناملىرىنى مۇشۇ شىركەتتە ساقلاۋاتىمەن  ھەمدە بىر قىسىم بلوگگېر خېرىدارلىرىمنىڭ تور نامىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تىزىملىتىپ بىرىۋاتقان ئىدىم، ھالبۇكى ئاخشامدىن باشلاپ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىم، شۇنداقلا بىر قىسىم خېرىدارلىرىم بەس-بەستە ئۇچۇر يوللىشىپ بلوگلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، توردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە بىر قىسىم يەرلىك «شەرەپلىك» تېلىگراف ئىدارىسى Godaddyنىڭ تور نامىنى يىشىشكە ئاتىغان DNS مۇلازىمىتىرىنى چەكلەپ قويغانمىش، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن جايلاردا بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان.

نۆۋەتتە،يازمىلار يەنىلا توربېكەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ،CSS3 تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ،Web فونتى(خەت نۇسخىسى) بارغانسىرى ئاۋات تىمىلارنىڭ بىرىغا ئايلاندى.كەلگۈسىدىكى Webنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدىغان بۇ تۈر ھەققىدە ھەرخىل تەتقىقاتلار باشلانغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى @font-face خاسلىقى ئارقىلىق،توربەتلەرگە مەلۇم بىر فونىتنى بەلگىلەشدىن ئېبارەت بولۇپ،نۆۋەتتىكى ئاساسلىق جاھاننامىلەر مەزكۇر تېخنىكىنى راۋۇرۇس قوللايدۇ،بۈگۈن،مەزكۇر يازمىمىزدا ئاساسلىق بولغان بىرقانچە Web فونتلىرىنى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2011-04-21T13:51:40Z2011-04-21T13:51:40Z

wordpress ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش دەرسلىكى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ Css ۋە Html بىلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالدى بىلەن html ئارقىلىق ئاددى بولغان تور بەت ياساش دەرسلىكى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ دەرسلىكتە wordpress ئۇسلۇبىدا كۆپ ئۇچرايدىغان css كودلىرى ئاددى قىلىپ سۆزلەپ چىقتىم. بەلكىم بۇ دەرسلىك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر دەرسلىكتە خاتا سۆزلەپ قويغان يەرلىرىم بولسا كەچۈرۋېتەرسىلەر.

image

ئەگەر سىز بىر ئەركىن كەسىپتىكى خادىم بولسىڭىز، تور بېكەت سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان تىجارەت قورالى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ سىزنىڭ سېتىش ۋاكالەتچىڭىزگە ئوخشاش خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدۇ. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز مۇناسىپ ھالدا مەزمۇن تەمىنلىيەلىسە، مۇناسىپ تورداشلارنى جەلپ قىلالايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى توغرا تاللاش، ھەم سىزنى ھەقىقىي خۇشال قىلالايدۇ. ئەمما ، بىز ئۇزۇن يىللىق كۆزىتىش ۋە ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئەركىن كەسىپتىكى خادىملارنىڭ تور بېكەت لايىھەلىشىدىكى بىر قاتار خاتالىقلارنى يەكۈنلەپ چىقتۇق. ئۇلار قايسىلار؟ مەزكۇر يازمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز!…


بىلگىنىمىزدەك،توربەت لايىھەلەشدە ئىشلىتىلگەن 3D ئېلىمىنىتلىرى توربېكىتىمىزنى تېخىمۇ كۆركەم قىلالايدىغان بولۇپ،زىيارەتچىلىرىمىزگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى بىرەلەيدۇ.3D ئۈنۈمىنىڭ ئىشلىتىلىشى-بىزنىڭ كۆرۈش سىزىمىمىز ئارقىلىق مېڭىمىزنى غىدىقلايدىغان بولۇپ،ئادەتتە بىز زىيارەت قىلىپ يۈرگەن توربەتلەر 2Dلىق بولغاچقا،3D ئۈنۈملۈك توربەتلەر قارىماققا ناھايىتى ئۆزگىچە ھەمدە ئىجادىي تەسىراتلارنى بىرىدۇ.
بۇ قېتىم-ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى سىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈيىڭىز ئۈچۈن بىر كاتتا سوۋغا ئەپكەلدىكىن،بۇ يازمىنى كۆرۈپ بولۇپ،ئولتۇرغان جايىڭىزدا قېتىپ قالمىسىڭىز مانا مەن!