پرېستان ئەپەندىمنىڭ مىكروبلوگىغا ئېزىپ كىرىپ قالغىنىمدا،ئۇ يەردە مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان بىر نەرسىنى بايقاپ قالدىم.ئۇ بولسىمۇ Windows Live Writer ئارقىلىق يازما يوللاش ئىدى.بىلىشىمچە،ئىلقۇت بلوگىدىكى پەنگىيار ئەپەندى بىر قېتىم ماڭا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن،ئەمما ئۇ چاغدا ھەدەپ WordPress تەتقىقاتى ئىچىگە دۈم چۈشۈپ كەتكەن بولغاچ،ئۇ تەكلىپكە ئانچە ئىرەنشىمەپتىمەن.بۈگۈن،ئىچىمگە تۇيۇقسىز ئوت كىردى،شۇ ھامانلا Windows Live Writer نى قوزغىتىپ،سىنىقىمنى باشلىۋەتتىم.

27-01_wordpress_missing_features_ld_img

ئالدىنقى يازمىمىزدا EOT ھۆججىتىنى قانداق تەييارلاشنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولساق، بۇ يازمىمىزدا ئەمدى شۇ  تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى بوشلۇققا يوللاپ، بلوگنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز!

01261

تۇرايىمىزغا چۈشكەن ياردەم ئىنكاسلىرى شۇنداقلا بىزنى بىۋاستە ئىزدەپ كەلگەن مۇھتاجلارنىڭ ئۈمىدلىرىدىن نۇرغۇنلىغان بلوگگېر دوستلارنىڭ، جۈملىدىن يېڭىدىن بلوگ ھاياتىغا قەدەم قويغان بلوگگېرلارنىڭ بلوگلىرىنى نورمال ئۇيغۇرچە تونۇتۇشىدا قېيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، مەزكۇر يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم. بۇ يازما ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاشنى ئۆگۈتىمىز، ئىككىنچى قىسمىدا بولسا تەييارلانغان EOTنى بوشلۇققا قويۇش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كودنى قويۇش ئارقىلىق بلوگنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئەمىسە دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن!…

473797-610-457_conew1-ubuntu

Ubuntuنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلەرنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك، Ubuntu كۆرۈنمە يۈزى جەھەتتە ئالامەت كۆركەم بولۇپ، بۇ جەھەتتە قەدىناس كۆزنەك(Windows)سېستىمىسى سەل كەمتەرلىك قىلمىسا بولمايدۇ. كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ Ubuntuنى دەسلەپ قاچىلاپ ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا، بۇ كاساپەتنىڭ ئاشۇ كۆركەم كۆرۈنمە يۈزىگە كۆيگەنمەن. بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق بىر سوۋغا ئەپكەلدىمكى، بۇ سوۋغام بىلەن سىز Windows7نىڭ كۆرۈنۈشىنى Ubuntu بىلەن پەرقسىز قىلىۋېتەلەيسىز.ماڭا ئىشىنەمسىز؟

Camtasia Studio soret

تۇرايىمىزدىكى بىر قىسىم دەرسلىكلەردە ئىشلىتىلگەن ئاجايىپ ئۈنۈملەرلەرگە قىزىققان بىر قىسىم تورداشلىرىم مۇشۇ دەرسلىككە ئىشلىتىلگەن يۇمتالنى تەمىنلەپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ،تالاي ئىنكاسلارنى يازغان ئىدى.ئاخىرى،مۇشۇ يۇمتال ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بىرىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ دەرسلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى كۆزلەپ،مەزكۇر يازمىنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم.مەزكۇر يازمام Camtasia Studioگە ئاتالغان.

1 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە بىز بىرلىكتە IE6 نى ئۆلتۈرگەن ئىدۇق، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مىكروسوفت «مىكروسوفت IE6 تەتۈر ساناش تور بېتى» نى ئېلان قىلدى.

formatfactoryكۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا،توردىن چۈشۈرگەن ياكى باشقا مەنبەلەردىن سۆكۈپ ئەپكەلگەن سىن،فىلىم،ئۈن ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپ قالىدۇ،گەرچە توردا بۇ خىلدىكى ئايلاندۇرغۇچ ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ،ئەمما،بەزى ئايلاندۇرغۇچلارنىڭ ئۈنۈمى سەل ناچار بولغاچقا،ياخشى بولغان بىر ئايلاندۇرغۇچ تېپىش ناھايىتى زۆرۈر بوپ قالىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Format Factory جەزمەن سىزنىڭ ھۆددىڭىزدىن چىققۇسى!

Internet-Download-ManagerInternet Download Manager(IDM)دىۋىدىم،بەزى ئاتامانلارنىڭ قۇلىقى دىڭ بولدى،بەزىلىرى ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلىشقاندەك قاراشتى،<<ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئاۋا،زاماننىڭ كەينىدە قالغان بالىكەن ماۋا!>>دىيىشتى،بەرھەق،ئۇلارنىڭ دىگىنى ناھايىتى دۇرۇس!يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى ساھەسىدىكى داڭدار IDM ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىكلىرى بىلەن،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،سىزنىڭ يۈك چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭىزنى بىراقلا كۆتەرگۈسى!